مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    يەرلىك بەلگىلىمىلەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى

    بۇئايشەم2011-05-26 08:51:49شىنجاڭ گېزىتى

        (2011–يىل5–ئاينىڭ25–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ28–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

        ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە قوللاش، قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكىچە قارار چىقىرىلدى.

        1 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېلو ئېچىشنى نازارەت قىلىش، تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش، سوت قىلىشنى نازارەت قىلىش، شۇنىڭدەك جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدە قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

        2 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ۋە قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەردە قانۇن نازارەتچىلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ھالقىسىدا دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو ئاچماسلىق، قانۇنغا خىلاپ دېلو ئېچىش، تەھقىقلەش ھالقىسىدا قىيىن – قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش، مۇددەتتىن ئارتۇق قاماپ تۇرۇش، قانۇنسىز دەلىل – ئىسپات توپلاش، پۇل – مالنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىش، دەۋا ھالقىسىدا شىكايەت قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ شىكايەت قىلماسلىق، نامۇۋاپىق شىكايەت قىلىش، سوت ھالقىسىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ناھەق ھۆكۈم – كېسىم چىقىرىش، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىسىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىپ خورلاش، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھالدا جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى جىنايى ئىشلارغا چېتىلىدىغان جىنايەت دېلولىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك، جەرىمانىنى جازا ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ نازارەت قىلىپ تۈزىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ۋە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

        3 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى ۋە تەدبىرى قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزمەسلىكتىن كېلىپ چىققان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا چېقىلىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ ۋە دېلو بېجىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

        4 .ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەھقىقلىگۈچى ئورگانلار، سوت ئورگانلىرى، جىنايى جازانى ئىجرا قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلار خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىش جەريانىدىكى ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى ۋە تەپتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى ھەمدە بېجىرىش نەتىجىسىنىڭ جاۋابىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى كېرەك.

        تەھقىقلىگۈچى ئورگانلار بىلەن تەپتىش ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بېرىش، دېلونى پاش قىلىش، دېلو ئېچىش، دېلونى قايتۇرۇش، قاماپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

        سوت ئورگانلىرى تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە سۇنغان جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ئېتىراز دېلولىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشى، ئەسلىي ھۆكۈم – كېسىمدە خاتالىق بولسا، قانۇن بويىچە تۈزىتىشى؛ تەپتىش ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويغان قايتا قاراپ چىقىش تەپتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەپتىش ئورگىنىغا يازما ئەۋەتىشى كېرەك. قايتا قاراپ چىقىش تەپتىش تەكلىپى قايتا قاراپ چىقىش شەرتىگە توشسا، قانۇن بويىچە قايتا قاراپ چىقىشى؛ ئەيىبلەش دېلولىرىدىن سوت ئاچماسلىق ئۇسۇلى بىلەن قاراپ چىققانلىرىنى ۋە ئۆز ئالدىغا قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنغان دېلولارنى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ھۆكۈم – كېسىم ھۆججىتىنى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگىنىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. سوت ئورگانلىرى تەڭ دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان سوت ئارخىپىنى ئالدۇرۇپ كۆرۈش ۋە باش تەپتىشنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جازا ئۆلچەشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

        جىنايى جازانى ئىجرا قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلار تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەڭ قەدەمدە نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قانۇن بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە تەپتىش ئورگانلىرىدىن پىكىر ئېلىشى؛ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر تورىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

        5 . ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى يولغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى، بىرلەشمە يىغىن ۋە دېلودىن مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

        تەپتىش ئورگانلىرى سۈرۈشتۈرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن ئالاقىدار دېلو ماتېرىيالىنى بېرىش، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىرىغا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ئاكتىپ ماسلىشىشى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

        6 . ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، قانۇن نازارەتچىلىك ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە سوت قىلىش، مەمۇرىي دەۋا، ھەق تەلەپ ئىجراسى شۇنىڭدەك مەھەللىدە تۈزەش بويىچە قانۇن نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

        7 . ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەپتىش قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشى، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن نازارەتچىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەت قىلىش – چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپتىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى، بولۇپمۇ دېلونى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ، دېلو ئېچىپ، تەھقىقلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەھقىقلىگۈچى ئورگان، سوت ئورگىنى، جىنايى جازانى ئىجرا قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ نازارەت قىلىشى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. تەپتىش ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق نازارەتچىلىرى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ نازارىتى، ئاممىنىڭ نازارىتى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي، پاك ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

       8 . رادىيو – تېلېۋىزىيە، نەشرىيات قاتارلىق ۋاسىتىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى جەمئىيەتنىڭ بىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك پائالىيىتىگە ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت يىپ ئۇچىنى مەلۇم قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىدە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

        9 . ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەك. مەخسۇس خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاش، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، كۆزدىن كەچۈرۈش، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش ۋە قاراپ چىقىش پىكرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا سوئال سوراش، سۈرۈشتۈرمە قويۇش ۋە مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىشى؛ ئامما خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلغان دەۋا پائالىيىتىدىكى مەسىلىلەردىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىنى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى، تەپتىش ئورگانلىرى ئۇنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى ۋە نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.