مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن يەرلىك نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

    بۇئايشەم2010-07-30 09:02:43شىنجاڭ گېزىتى

     (2010–يىل7–ئاينىڭ28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ19–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 – يىغىنىنىڭ قارارى:

        بىرىنچى، تۆۋەندىكى يەرلىك نىزاملارنىڭ ئالاقىدار ماددا، تارماقلىرىدىكى ‹‹ئېلىپ ئىشلىتىش›› دېگەن سۆز ‹‹ئېلىش، ئىشلىتىش›› دەپ ئۆزگەرتىلدى

        1. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 12 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى

        2.  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 18 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى

        3. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 15 – ماددىسى، 16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى

        ئىككىنچى، تۆۋەندىكى يەرلىك نىزاملارنىڭ ئالاقىدار ماددا، تارماقلىرىدىكى ‹‹ئېلىپ ئىشلىتىش›› دېگەن سۆز ‹‹ئېلىش›› دەپ ئۆزگەرتىلدى

        1. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 11 – ماددىسى، 35 – ماددىسى، 36 – ماددىسى، 37 – ماددىسى، 39 – ماددىسى، 41 – ماددىسى، 43 – ماددىسى

        ئۈچىنچى، تۆۋەندىكى يەرلىك نىزاملارنىڭ ئالاقىدار ماددا، تارماقلىرىدىكى ‹‹ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى›› دېگەن سۆز ‹‹ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› دەپ ئۆزگەرتىلدى

        1.  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قېزىلما بايلىق باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 43 – ماددىسى

        2. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى››نىڭ 40 – ماددىسى

        3. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆلچەمنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 32 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى

        4. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيە نىزامى››نىڭ 32 – ماددىسىنىڭ (3) تارماقچىسى

       5.‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ – تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 30 – ماددىسى

       6. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 32 – ماددىسى

       7.‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 38 – ماددىسى ۋە 41 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى

       8. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 29 – ماددىسى

        تۆتىنچى، تۆۋەندىكى يەرلىك نىزاملارنىڭ ئالاقىدار ماددا، تارماقلىرىدىكى ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە بەزى سۆزلەر تۈزىتىلدى

         1 . ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاراق باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 4 – ماددىسى،7 – ماددىسى، 16 – ماددىسى، 17 – ماددىسى، 18 – ماددىسى، 24 – ماددىسى، 29 – ماددىسى، 30 – ماددىسى، 31 – ماددىسى، 33 – ماددىسىدىكى ‹‹ئىقتىساد – سودىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى›› دېگەن سۆز ‹‹سودا باشقۇرۇش تارمىقى›› دەپ ئۆزگەرتىلدى.

        2 . ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 32 – ماددىسى ‹‹دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى قانۇنسىز ساتقان، ھايىنىغا ساتقان، ئەتكەسچىلىك قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.››، دەپ تۈزىتىلدى.

        3 . ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 32 – ماددىسى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈن مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك››، دەپ تۈزىتىلدى.

        4 . ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 44 – ماددىسى: ‹‹ئېلىنغان ۋە ئاجرىتىپ بېرىلگەن يەرگە قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىلگەندىن كېيىن، يېرى ئېلىنغان ۋە ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشقا ھەر قانداق سەۋەب بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ››، دەپ تۈزىتىلدى.

    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.