ئۇيغۇر پىچاقچىلىقى-شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈل تاجى
2013-11-06

پىچاقچىلىق ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئالاھىدە بۇيۇمى سۈپىتىدە تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ ھەر خىللىقى ۋە نەپىسلىكى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەتىۋارلىنىپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، پىچاقچىلىق ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە ئىستىقبالى بار چوڭ كەسىپ قاتارىغا ئۆتتى.

پىچاق قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە ئەرلەرنىڭ كېچە- كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدىغان قورالى بولۇپ كەلگەن. پىچاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئېسىپ يۈرۈش، پىچاقنى ئەرلىك جاسارىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ بىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ.

پىچاق ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەھسۇلاتىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر پىچاقلىرى ھازىر كۆپىنچە ‹‹يېڭىسار پىچىقى›› دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانماقتا. يېڭىسار پىچىقى نەپىسلىكى، ئىشلىتىلىشكە قولايلىقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. يېڭىسار ناھىيىسى يېڭىسار پىچىقىنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، بۈگۈنكى يېڭىسار پىچىقى بۇنىڭدىن 300 يىللار ئىلگىرى يېڭىسار ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراباش يېزىسىدىكى داڭلىق ئۇستا مۇھەممەت قولاخۇن نامى بىلەن داڭق چىقارغان. ئەينى چاغدا پىچاق 50 خىلدىن ئاشقانىكەن، ھازىر نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.

ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈك سودا سارىيىدىكى‹‹زۇلپىقار››، ‹‹ئانار گۈلى››، ‹‹ئۆتكۈر››،‹‹خاقان››، ‹‹مىسران››،‹‹سەردار›› قاتارلىق مەخسۇس پىچاقچىلىق دۇكىنى ئاچقان تىجارەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنىڭ دۇكان ئاشقىنىغا 5 يىلدىن 20 يىلچە بوپتۇ. بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ بىر قىسىملىرى پىچاق مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق ساتىدىكەن. ساياھەتچىلىك مەزگىللىرىدە پىچاقلىرىنى ھەپتىدە 20- 30 مىڭغىچە ساتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، پىچاقلىرى خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋېتىپتۇ.

 

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر پىچاقچىلىقى يېڭىچە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھازىر يېڭىسار، يوپۇرغا، مارالبېشى، قەشقەر، يەكەن، كېرىيە، گۇما، كۇچا، شايار قاتارلىق جايلاردا پىچاقچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۈندىن- كۈنگە روناق تېپىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ياشلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ ئىقتىسادىي كىرىم ياراتتى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىچاقچىلىقتىن ئىبارەت قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىسىگىمۇ ۋارىسلىق قىلىنىپ، پەخىرلىك ئىزلار قالدۇرۇلدى. بۇ توغرىسىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: 6-، 7- ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى شىنجاڭ ۋە تاشقى مۇڭغۇلىيە ئەتراپلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانلاردا تۆمۈر رودىلىرىنى ئېرىتىپ ھەر خىل قوراللارنى ياساپ، ئوۋچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە جەڭلەردە ئىشلەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىپوسى ‹‹ئوغۇزخان ئىپوسى››دا قىلىچ، نەيزە قاتارلىق قوراللار تىلغا ئېلىنغان. قارخانىلار دەۋرىدە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››نىڭ بىرىنچى تومىدا ‹‹پىچەك›› دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭغا‹‹پىچاق›› دەپ ئىزاھات بەرگەن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ‹‹پىچاق ھەر قانچە ئىتتىك بولسىمۇ، ئۆز سېپىنى يونىيالماس›› دېگەن ماقال- تەمسىلنى مىسال قىلغان، شۇنداقلا يەنە ھەر خىل پىچاق تۈرلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇ ئۇچۇرلاردىن بىز "پىچاق" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئەنە شۇ ‹‹پىچەك›› دېگەن ئاتالغۇدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى، پىچاقنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇرلاردا 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شىنجاڭ پىچاقلىرىنى ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق، زاڭزۇ پىچىقى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى پىچاق سېپىغا ئۇيۇلغان، مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن نەقىشلەر ۋە پىچاقنىڭ سىرتقى شەكلىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ سېپىنىڭ بادماقچە، ئاچا، قالماقچە، مىيخۇا گۈلى، تاقباش، ئۇيغۇرچە، غازباش قاتارلىق ئاساسلىق شەكىللىرى بار. پىچاق بېسىغا بادام شەكلى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بادام ئەتراپىغا ھەر خىل گۈل، نەقىشلەر ئۇيۇلىدۇ. ئادەتتە پىچاققا مىس، ئاق تۇچ، قاشتېشى، سۆڭەك، چىلان ياغىچى، كالا، بۇغا، قوتاز مۈڭگۈزى، پولات چىۋىق قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر ئەڭ بازار تېپىۋاتقان پىچاق پولاتتىن ياسالغان، سېپى ئەگمەچ، بېسى بادام گۈللۈك پىچاق بولۇپ، بۇنداق پىچاقنىڭ دات باسمايدىغان، پارقىراق ھالىتىنى ئۇزاققىچە يوقاتمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار. چەت ئەللىكلەر ئادەتتە مۈڭگۈز دەستىلىك پىچاق، غازباش، بادماقچە قاتارلىق پىچاقلارنى ياقتۇرىدۇ.

  ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق مۇددەت ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا پىچاق بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان قورالى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋ غەنىمەتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يېيىشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇر ئەرلىرى خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا بېلىگە بەلۋاغ باغلاشنى، بەلۋاغقا پىچاق ئېسىشنى ئەرلىك غورۇرىنىڭ نامايەندىسى دەپ ھېسابلىغان؛ ئۇخلىغاندا ياستۇق ئاستىغا پىچاق باستۇرۇپ قويسا، ئادەمنى قارا باسمايدۇ دېگەن قاراش ھېلىھەم مەۋجۇت؛ پىچاقلارنىڭ دەستىگە ئادەتتە تۆگە، كالا، بۇغىلارنىڭ سۆڭىكى، چىلان، ئۈجمە دەرەخلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھايۋانات تۇتىملىرى ۋە دەرەخنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، پىچاقلار ئەتىۋارلىق بۇيۇملار سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە.

دېمەك، ئۇيغۇر پىچاقلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى، جۈملىدىن ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق ۋە تۈرلۈك ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى بىر قاتار خاسلىقلار ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن قويۇق مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگىدۇر.

شىنجاڭنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق ساياھەتچىلىكى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇچۇر، مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەن يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنىڭ ئەتىسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.