«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە.»
شانلىق تارىخ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، پارلاق كەلگۈسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى، بۇ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تارىخىي پەيت.
«15 - بەش يىل»نىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا نامايان بولغاندا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 105 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرماقتا.
ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ مەشئەلدەك نۇرلۇق. ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇدى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ.» ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى ۋە كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىكى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلدى، خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان ئەسلىي مەقسەتنى قەتئىي چىڭ ساقلاش داۋامىدا، نامايان بولغىنى خەلق داھىيسىنىڭ زور ۋەزىنلىك ۋەدىسى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقى بولدى.