36 تال مېدالنىڭ كەينىدە تاختا ئاياغ ئەزىمەتلىرىنىڭ بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بار
ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاختا ئاياغدا تېز مېڭىش (مۇسابىقە) تۈرى قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانىدا باشلاندى. 100×4 مېتىرلىق ئارىلاش كۈچ ئۇلاش تۈرىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى تاختا ئاياغ بىلەن تېش مېڭىش تۈرىدە جەمئىي 36 مېدالغا ئېرىشتى.