قەدىمىي يادىكارلىقلارنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | دالتۇ قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلىش
«قەدىمىي يادىكارلىقلارنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى بورتالا شەھىرى دالتۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىگە يېتىپ كېلىپ، نەق مەيدان زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ قان تومۇرلىرىنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي شېفىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن چوڭقۇر ئاساسىنى ھېس قىلدى. دالتۇ قەدىمىي شەھىرى ئادەتتە «خارابە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرىنىڭ ئەسلىدىكى خارابە كەنتىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، بورتالا دەرياسى بىلەن داخېيەنزى دەرياسىنىڭ قەدىمىي دەريا يولى كېسىشكەن جايدىكى سېرىق توپىلىق تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولى شىمالىي يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى مۇھىم تۈگۈن.