ئانار گۈلى تىيانشاننىڭ ھەممە يېرىدە پورەكلەپ ئېچىلدى
2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى ھەدىيە قىلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتتى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېكايىلىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.