پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى: دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي بۇرۇلۇش
1978 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان بىر كۈن بولدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنى قايتىدىن تۇرغۇزۇلۇپ، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش» دېگەن خاتا ئاتالغۇنى ئىشلىتىش توختىتىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەدبىر چىقىرىلدى.