«بۇ ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر سىن ماتېرىيالى. نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر كۆرگەندىن كېيىن، ئاشۇ بۆلەك تارىخ <جانلانغان>دەك ھېس قىلدى» دېدى مېھرىگۈل.
تاغ تېشىپ يول ئېچىشتا تەر ئاققۇزۇپ تىرىشىپ ئىشلەشتىن ھەر كۈنى ئۈن - تىنسىز قوغداشقىچە، «تىيانشاندا يول ياساش» ھېكايىسى سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە، رىغبەتلەندۈرمەكتە.
بۈگۈنكى داشى كەنتىگە كىرسىڭىز، ئاسفالت يوللار كەڭ، پاكىز بولۇپ، كىچىك ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، بۈك - باراقسان دەرەخلەر ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، داشى ئۆرپ - ئادەت باغچىسىدىكى كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى پۈتۈن كوچىنى بىر ئالىدۇ.
80 نەچچە يىل ئۆتتى، قۇم - بوران ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرىنى كۆمۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ھاياتلىققا ئىنتىلىش، ئېتىقادى خۇددى مەشئەلگە ئوخشاش قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئۆچۈرەلمىدى.