گۈزەل شىنجاڭ كارتىنىلىرى، خەلق قەلبىنى كۆڭلىگە پۈتۈش

ئالتاي شەھىرىدىكى پۈتۈن پەسىللىك تەنتەربىيە باغچىسى جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قوللىشى تۈرتكىسىدە بەرپا قىلىنغان، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 99 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ يەردە چاقلىق كانكى تېيىلىش مەيدانى، مۇز تېيىلىش مەيدانى بار، مەيداندا «پۈتۈن پەسىللىك مۇلازىمەت» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇ، شۇ جاينىڭ «تەنھەرىكەت شەھىرى» قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.

لياۋنىڭ بىلەن تارباغاتاي يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۈلگە باغچىنى ئورتاق قۇردى

ياۋنىڭ ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تارباغاتاي شۆبە ئاكادېمىيەسى باقتۇ بازىسىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. يۆياڭ قىزىل ئالمىزارلىقىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىغا مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، بىر چەتتىكى مېۋە-كۆكتات پارنىكىدا خىزمەتچى خادىملار زىرائەتلەرنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلىش مەشغۇلاتىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ باردى.

فۇجيەن بىلەن شىنجاڭ قول تۇتاشتى خۇش ھىدى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى جىمىسار قېرىنسىمان موگۇسى پۈتۈن مەملىكەتتە قىزغىن سېتىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايوۋ بازىرى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇردى.بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشان ئېتىكىدە ئۆسكەن قېرىنسىمان موگۇ پەن-تېخنىكا بىلەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشىنى قوللاشقا تايىنىپ، غەربىي شىمال چېگرا رايوندىن پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشنىڭ جانلىق جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقماقتا.

فۇكاڭدىكى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق يار-يۆلەك بولۇشىغا تايىنىپ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

2025-يىلى 8-ئايدا، تەييۈەن شەھىرىنىڭ شىڭخۇالىڭ ۋۇيى يولى باشلانغۇچ مەكتىپى مائارىپ گۇرۇھى بىلەن فۇكاڭ جىنخې باشلانغۇچ مەكتىپى ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىگە تايىنىپ ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە يار-يۆلەك بولۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىشخانىسى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشماقلىشىش، ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈش ۋە بۇلۇت تېرمىنالى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا تايىنىپ يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى يېڭىلاپ، ئۆزگىچە بولغان مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلدى.

زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى تىيانشاندا تارالدى

ئەمەن يوپۇرمىقى ئارقىلىق دۇەنۋۇ بايرىمى كۈتۈۋېلىندى، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبى ئوزۇقلاندۇرۇلدى. دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايراملىق پائالىيەتلەر قالتىس ھەم مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان ھېسسىياتنى ئورتاق بايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەسىرلىك سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى.