تىيانشاندىكى يول ياسالغان جاي، چورمادا قەھرىمانلىق روھى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ
دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئالايىتەن چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى. چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشتا قۇربان بولغان 168 نەپەر ئىنقىلابىي قۇربان دەپنە قىلىنغانىدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەر چېن جۈنگۇي قەبرىستانلىقنى نەچچە ئون يىل قوغداپ، ساياھەتچىلەرگە قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى قايتا - قايتا سۆزلەپ بەردى.