ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدىن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش يولىغىچە
90 يىل ئىلگىرى، بىر مەيدان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى: يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى غەلىبىلىك ئۇچراشتى. خەلق قوشۇنى مىللەت ئۈچۈن ئۈمىد ئىزدىگەن ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا بىر ئۇلۇغ مەنىۋى ئابىدە تىكلىدى. 90 يىلدىن كېيىن، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان بىر مەيدان «يېڭى ئۇزۇن سەپەر» ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى: ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيە بارغانلىكى جاينىڭ كۆپىنچىسى قاتنىشى قولايسىز، يەرنى ئۆرتەپ - چوقۇپ تېرىيدىغان نامرات رايونلار ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، مۇتلەق نامراتلىق بىلەن خوشلاشقان بۇ جايلار يەنە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.