«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك»

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى

ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتايلى

مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ئەمەلىيەت، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئومۇمىي خەلق سەپەرۋەرلىكى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى ياخشى قوغداش

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى.»

كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش تىيانشاننى ئوزۇقلاندۇردى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىش تامغىسى بېسىلغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ جېنى.

قان قېرىنداش بىر ئائىلە كىشىلىرى

تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى.

دۆلەت زېمىنى بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەدەنىيلىكى تومۇرداش

سەلتەنەتلىك ۋە ئۇلۇغۋار تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى، شانلىق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى.