تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى تەجرىبىخانا نەتىجىلىرى نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 1-سېپىگە يۈزلەندۈرۈلدى

«ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭ كېلى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىكتىكى كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات تەجرىبىسىنىڭ تۈرتكىسىدە كەسىپتە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىق زور كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

سورتلۇق ئۇرۇق + ياخشى ئۇسۇل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغداي مو بېشى ھوسۇلى رېكورتىنى يېڭىلىدى

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى شەندۇڭ ئەشيا ئوبوروت رايونى ئامباردا ساقلاش سودا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان، خىزمەتچى خادىملار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

ئادەمسىز ئۇچقۇ «قوشۇنى» كارامىتىنى كۆرسەتتى ئاقىل تەكشۈرۈش سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈردى

«ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى بوشلۇق چارلاش مەركىزىگە كېلىپ، پەن-تېخنىكا كۈچ قوشقان ئېلېكتىر تورىنى ئاسراش جانلىق ئەمەلىيىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى. بۇ مەركەز 2018-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك بوشلۇقتىن چارلاش كەسپىي ئاپپاراتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بوشلۇقتا قاتناش يولغا قويۇلغان مەشغۇلات ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئېتىزلارنى چارلاش  سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كېۋەز تېرىش  ماناس پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگە تىكلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، يىراقتىن ئۆلچەش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، «تۆت ئەھۋال»نى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ھەم «خۇيفېڭشوۋ» APPسى بىر گەۋدىلەشكەن ئاقىل يېزا ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

شىنجاڭ چېڭفېي سانجىغا ماكانلاشتى  100 مېتىرلىق شامال گېنېراتورى قانىتى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدى

چۇڭچىڭ ماشىنا-ئېلېكتىر پاي كونترول گۇرۇھى قارىمىقىدىكى نۇقتىلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ چېڭفېي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سانجىغا ماكانلىشىپ، 100 مېتىر دەرىجىلىك شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، 93 مېتىر، 99 مېتىر، 108 مېتىر قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىدىكى قانات مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاپ ئىشلەپچىقاردى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى تولۇق نورمىلىق ئايلىنىپ، يىلىغا 250 يۈرۈشتىن ئارتۇق شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقارماقتا. قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا، كارخانا بىراقلا يۈكسىلىپ شىنجاڭ بويىچە شامال گېنېراتورى قانىتى ياساشتا بىرىنچى سەپتىن ئورۇن ئالدى.