7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئاياغلاشتى

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسىي مەيدان ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەسىس قىلىندى، شۆبە مەيدان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە ئارال شەھىرىدە تەسىس قىلىندى. ئاسىيا، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سەككىز دۆلەت ھەمدە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن 1756 نەپەر سەنئەتكار قاتنىشىپ، ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئالماشتۇرۇش كاتتا مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

قول ئىشارىتى بىلەن ھېكايە سۆزلەش كامبودژا خان جەمەتى بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ئويۇن قويدى

«ئارتىسلارنىڭ قول ئىشارىتىدە ئۆزگىرىش ناھايىتى كۆپ ئىكەن، جانلىق كۆز ئىپادىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، قول ئىشارىتى ئارقىلىق ھېكايە سۆزلىگەندە، ئاۋازسىز ئەمما ئاۋازلىق بولۇشتىنمۇ ئۈستۈن ماھارىتىنى نامايان قىلدى.» دېدى تاماشىبىن ياڭ جىنپېڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە قاراماي شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا كامبودژا خان جەمەتى بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەخسۇس ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن.

«لېخې نەزمىلىرى» شىنجاڭ مۇقام سەنئەت تىياتىرخانىسىدا يەنە ياڭرىدى

شىنجاڭ مۇقام سەنئەت تىياتىرخانىسىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر مەيدان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى - ئۇسسۇللۇق تىياتىر «لېخې نەزمىلىرى» قويۇلدى. بۇ تىياتىر 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىدىكى يۈرۈشلۈك ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇبېي سەنئەت كەسپىي شۆيۈەنى بىلەن خۇبېي ئۆلكىلىك ئوپېرا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسى بىرلىشىپ ئىجاد قىلغان، سەھنىگە چىقىرىلغاندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار: رومېئو ۋە جۇلىتتانىڭ ئالمىخان بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشى

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «رومېئو ۋە جۇلىتتانىڭ ئالمىخان بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشى» كۇەيشەن پائالىيىتى ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنىدىن كەلگەن ئۇسسۇلچىلار ساياھەت ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرى «ئالمىخان قەيەردە»نىڭ «توي مۇراسىمى» سەھىپىسىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق ئەر-ئايال باش پېرسوناژنىڭ بىر مەيدان قىزغىن توي مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئەپەندى كاۋاپخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە، شادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئىتالىيە مىلان بالېت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

يىپەك يولىنى لەرزىگە سېلىپ، تىيانشاندا ئۇسسۇلغا چۈشۈش. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.