شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش غەيرىتى تولۇپ تاشتى
ئېنېرگىيە خەلق ئىگىلىكىنى يۈرۈشتۈرىدىغان قان. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2019 - يىلى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا «يەتتە يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ سىجىل ھالدا چوڭقۇر قاتلاملىق ھەم ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت - تەبىئىي گاز، ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە كونا نېفىتلىكنىڭ مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭى رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۈچەش نۇقتىلىرىنى بېكىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.