جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى

 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچىدە يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا كىردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يوپۇق ئېچىشقا قاتناشتى ھەم ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايونغا ۋىۋىسكا بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم قارار، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىنىدۇ

لايىھەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ھەم تەرەققىيات نىشانىدا: تىرىشىپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەرەققىيات نىشانى چۆرىدىلىپ، 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازا تۈگۈنى بەرپا قىلىمىز

يېڭى پۇرسەت ئالدىدا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇن، كارخانىلار زور ئىلھام ئېلىپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

​تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يۇقىرى، يېڭى فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىدە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يولۇچى تىرانسپورت تۈگۈنى، غەربىي قىسىم دەرۋازا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان رېمونت قىلىش مەركىزى قاتارلىق بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئايرودۇرۇم ئەتراپى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا چوڭقۇر سىڭىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئۆرنەك بەرپا قىلىش

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قورغاس شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كارخانىلار ھەسسىلەپ روھلاندى، غەيرىتى تولۇپ تاشتى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قورغاسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا تىرىشىپ يېڭى ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

تېخىمۇ كۆپ>>