يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
سەمىمىي تەلىم كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئاچقۇچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە» دەپ تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە قاراتمىلىق رەددىيە بېرىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىمىز.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىمىز.