ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ زورىيىشى، سەرخىللىشىشى، كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى مۇساپىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىلدى، بۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى كادىرلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ھەسسىلەپ روھلاندى، غەيرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىياتنى كۆزلەيمىز

يىغىننىڭ ئېچىلىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچى ئاشتى، ئۇلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئالغا قاراپ ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

تېخىمۇ ئەلا مۇھىت يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش

يىغىن كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇردى، پۇقراۋى كارخانىلارنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسەت «چوڭ سوۋغا»سىنى تېزدىن پۇقراۋى كارخانىلارغا يەتكۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ ئەلا تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«قەلبنى ئىللىتقان، كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلغان، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتقان بىر مەيدان يىغىن»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى، شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىقلارنى كەينى - كەينىدىن ئېچىپ، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.