ئاپتونوم رايون بۇ يىل 400 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى
3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ يىل جەمئىي 400 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇش ۋاقىت تەرتىپىدىن قارىغاندا، 2023 - يىلى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 170، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 90، زاپاس نۇقتىلىق تۈر 140.