10 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدۇق، جاسارەت بىلەن يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىمىز
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ 10 يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىلى · شىنجاڭ» باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «10 يىللىق يۆگىمە رەسىم» ئاستا - ئاستا ئېچىلدى. بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى، قۇرۇلۇشنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما چەكسىز روھلاندى ۋە پەخىرلەندى.