شىنجاڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش - ئۆزگەرتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

شىنجاڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگۈزۈش - ئۆزگەرتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، يولغا قويۇش دائىرىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ھەمدە تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 43 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 439 يېزا - بازار، 3896 كەنت ۋە 766 مىڭ 100 ئائىلىلىك ئاھالىگە چېتىلىدۇ.