قالتىس ئون يىل · ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى زىيارەت | قەشقەر: يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت تېخىمۇ جۇلالاندى
پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەشقەر زېمىنى كۈنسايىن يېڭىلاندى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ئۆز قەرەلىدە بەرپا قىلىندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.