قاراقاش ناھىيەسى: «بىر ناھىيە بازىرى، تۆت كەسىپلەر باغچىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى
بايلىق، رايون ئورنى، كەسىپ، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، قاراقاش ناھىيەسى «بىر ناھىيە بازىرى، تۆت كەسىپلەر باغچىسى» (قاراقاش ناھىيە بازىرى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، كەسىپ - شەھەر يۇغۇرما باغچىسى، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسىپلەر باغچىسى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى) تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، باغچە رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باغچە رايونىنى كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.