چوڭقۇرلاپ خەۋەر قىلىش

2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 7000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئوڭۇشلۇق چىقتى. كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار قاچىلانغان بۇ يۈك پويىزىنىڭ چېگرادىن چىقىشى بۇ پورتتا 2022 - يىلى يىل ئىچىدە قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پورتلار ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇرغانلىقىدىن، تارىختا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تۈرلىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئۈچ تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، كېلىشىم سوممىسى 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ئالدىنقى 11 ئايدا قورغاس پورتىدىن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 36 مىليون 945 مىڭ توننا، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا قىممىتى 271 مىليارد 940 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5، %5.8 ئاشقان.

1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدا سىجىل كۈچىيىش كۆرۈلۈپ، يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى ئايمۇئاي ئېشىپ، ئالدىنقى 11 ئايدا جەمئىي 187 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈك توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان.

1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆپ مىقدارلىق ماللارنى توشۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈرنى پائال توشۇغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈرى 48 مىليون 461 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشقان.

ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 219 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 51.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، ئېشىش سۈرئىتىدە مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇننى ساقلىغان.

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 40 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى

2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 40 مىليون 655 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان. 2022 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 4 مىليون 42 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %254.17 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولغان.

كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلىنىپ سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇردى

سانائەتنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.8 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 370 مىليون 656 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.2 ئاشتى.

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭ جانلاندى

12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سېختا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشى جانلىنىپ، مەھسۇلاتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، 400 مىليون يۈەنگە يېقىن سېتىش كىرىمى ياراتتى.

زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە، بۇ شىركەت بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ زاكازنى ئۈلگۈرتۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ئاتلاندى.