مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەرزىيەتلەرنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى
33 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتلەر يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئالتە پارچە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئۈچ پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئۈچ پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئىككى پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى بىر پارچە. بۇلغىنىش تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 17 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە ئېكولوگىيە، ئاتموسفېرا، سۇغا چېتىلىدىغانلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %35.3ى، %29.4ى، %23.5ىنى ئىگىلەيدۇ.