سەمىمىي غەمخورلۇق تىيانشاننى ئىللىتتى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تاغدەك زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش قىياپىتىدە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى.

مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تىيانشاننىڭ ھەممە يېرى باھار تۈسىگە كىردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى.

ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارزۇ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

كۆلەڭگىسىز چىراغ ئاستىدا، دوختۇرلار ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ھاياتلىق مۆجىزىسىنى يارىتىدۇ؛ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر چوڭ ـ كىچىك كوچىلاردا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ؛ قىش كېتىپ باھار كەلگۈچە ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى يولۇچىلارنى ۋاقتىدا مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ؛ يىل بويى، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ...

كۈچلۈك باھار شامىلىدا بىڭتۇەننىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

سەككىز يىللىق ئەجىر مول مېۋە بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەنگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى سىياسىي پەزىلەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

خاس كەسىپلەر يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مەنزىرىسىنى سۈرەتلىدى

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۇقىرىدىن ـ تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بىر تاختا شاھماتنى جانلاندۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا كەسىپلەر گۈللەنگەن، يېزىلار گۈزەللەشكەن، دېھقانلار بېيىغان يېڭى يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى.

[سەھىپە ئۇچۇرى] باش نازارەتچى: غەيرەت ئابدۇللا، مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان، مۇھەررىرلەر: ياسىنجان روزى، خالىسە ئەخمەت، مەمەتئېلى ھەسەن، بەت ياسىغۇچى، تېخنىك: ئىمام تۇردى