ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى، بالىلىرى ھەم بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، گۇۋاھ بولغۇچىلار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى تاۋلاپ، چېنىقىپ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

− شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەندە قىلغان سۆزىدىن

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو بالىلار مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

​شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

«جۇڭگو ئارزۇسىنى سىلەرگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز»

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شى جىنپىڭ بىلەن ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ھېكايىسى

ئۆسمۈرلەر، بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدىكى سەمىمىي ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىدىن، سىرتتا تەكشۈرۈشتە بولغان چاغلىرىدىكى ھەربىر غەمخورلۇق قىلىشقىچە، يەنە خەت ئارقىلىق غەمخورلۇق يەتكۈزۈپ سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈشكىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، كۆيۈندى، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۈتكەن ئۈمىد قەلبلەرنى ئىللىتتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ «1 - ئىيۇن»نى خۇشال - خۇرام تەبرىكلىدى

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، بالىلار ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، خۇشال، ئىللىق بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى.

ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداش​ئاپتونوم رايون «غۇنچىلارنى قوغداش ھەرىكىتى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ «غۇنچىلارنى قوغداش ھەرىكىتى»نى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، «غۇنچىلارنى قوغداش ھەرىكىتى»نى سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «غۇنچىلارنى قوغداش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

«1-ئىيۇن»نى كۈتۈۋېلىش! تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى سەرخىل بالىلار بايرىمى

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى لوڭيەن تارماق قوماندانلىق ئىشتابى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازارلىق مەركىزىي يەسلىسى خۇائېر يېڭى كەنتى تارماق يەسلىسى بىلەن «گۈللەر قۇياشقا قاراپ ئېچىلار، قول تۇتۇشقان لوڭيەن مۇھەببىتى»نى باش تېما قىلغان «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمى پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

غۇنچىلارنىڭ ئۆزگىچە بالىلار بايرىمى

قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى ساقچىلار كىچىك دوستلارغا خۇشال - خۇرام، بىلىمى ئۆگىنىدىغان بايرام ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، كىچىك دوستلارغا قانداق قىلغاندا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنى يولدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش، قانداق قىلغاندا ماشىنىغا مەدەنىي ئولتۇرۇپ، لاياقەتلىك «كىچىك شەھەر ئاھالىسى» بولغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

60 يىل ھالقىغان بۇ سۈرەتلەر بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەر بىلەن تولغان

بالىلىق سەبىيلىككە تولغان بىر پارچە رەسىم، ئۇ قەلبىمىزدە قەدىرلەپ ساقلايدىغان، قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمەيدىغان بىر ناخشا، بىر لەرزان كۈي. بالىلىق ھەسەن-ھۈسەنگە، ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ. بالىلىق... بىز بالىلىقىمىزنى پارچە-پارچە سۈرەتلەرگە خاتىرىلەپ ساقلايمىز. -6ئاينىڭ -1كۈنى، -72قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمى، ئۇ كىچىك دوستلارغىلا خاس بايرام. ئۇلارنىڭ سەبىي كۈلكىلىرى ئالدىدا گۈللەرمۇ گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ، قوڭغۇراقتەك ئاۋازلىرى پۈتۈن دۇنيانى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇلار شاد كۈلكىلىرى ئارقىلىق شادلىققا، گۆدەكلىككە تولغان بايرامنى زىننەتلەيدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق كىچىك دوستلارنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق چوڭلارنىڭمۇ ھەر كۈنىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز.