ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۈشىنىش مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش

  ۋاقىت ئوتتۇرا يازغا قەدەم قويۇپ، دۇەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. كىشىلەر زۇڭزا يەپ، ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەپ، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۈشىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

دۇەنۋۇ بايرىمى مەدەنىيىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرايلى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما دۇەنۋۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

تېخىمۇ كۆپ»

زۇڭزا تۈگۈپ، ئويۇن كۆرۈپ قويۇق دۇەنۋۇ بايرىمى مۇھەببىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ شۈيتاشەن كوچا باشقارمىسى خۇايۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ «خۇشپۇراق زۇڭزا تۈگۈش . ئاھالىلەرگە رىشتە باغلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

كورلا شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى: بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىش

كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. قاتار ـ قاتار ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاقلار بىر ـ بىرىنى قوغلىشىپ، مەدەت بېرىش سادالىرى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللىنىپ، نەق مەيداندىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان دۇەنۋۇ بايرىمى زىياپىتى سۇنۇلدى.

زۇڭزا تۈگۈش، رەڭلىك تۇخۇم سىزىش، خۇشپۇراق بولاق ياساش شىنجاڭدا دۇەنۋۇ بايرىمى مۇشۇنداق قىزىيدۇ

ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ خاربۇ بازىرى ئۈزۇر يولى مەھەللىسى شيەنچۈەن مەيدانىدا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى دۇەنۋۇ بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش شەكلىدىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

زۇڭزىنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، مېھىر ـ مۇھەببەت قويۇقلاشتى

ساۋەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى، قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى كونا ساۋەن يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن خۇشال ـ خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، زۇڭزا تۈگۈپ، مۇڭدىشىپ، دۇەنۋۇ كاتتا بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

شوخ ناخشا، كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە دۇەنۋۇ ئۆتكۈزۈش

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى، سانجى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مەركىزى «چوڭ-كىچىكلەر بىللە زۇڭزا تۈگۈپ دۇەنۋۇ ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇەنۋۇ ئۆرپ-ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى.

تېخىمۇ كۆپ»

باش نازاراتچى: غەيرەت ئابدۇللا، مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان مۇھەررىرلەر: ئايگۈل، مەمەتئېلى، مەريەمگۈل، بەت ياسىغۇچى، تېخنىك: ئىمام تۇردى