• تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا: پارنىكنىڭ ئىچى-سىرتىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى

    تۇرپان شەھىرىدىكى 570 مىڭ مو ئۈزۈملۈك چاتاش، ئوغۇتلاش، سۇغۇرۇش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلار بۇ يىل ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈزۈم پەرۋىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

  • پارنىكتا گۈل-گىياھلار چىرايلىق ئېچىلدى كۆكتات پارنىكلىرىدا كىشىلەر كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى

    يېقىندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنەباغ كەنتى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ كەنتتە ھازىر گۈل-گىياھ پارنىكىدىن ئونى بولۇپ، ھەربىر پارنىكنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 150 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  • پارنىكتا ئوخشىغان توغاچلار باغۋەننىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى

    توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى باغۋەن فەن سىفېننىڭ توغاچ پارنىكىدا، بىر مېتىردىن ئېگىز كېلىدىغان توغاچ دەرەخلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، شاخلىرى توم، يوپۇرماقلىرى بولۇق ئىدى، شاخلارغا ئېسىلغان قىپقىزىل توغاچلار يۇمىلاق ھەم تولغان، پوستى يېڭى ھەم پارقىراق ئىدى، قويۇق مېۋە پۇرىقى كىشىنىڭ نەپسىنى تاقىلدىتاتتى. فەن سىفېن توغاچ دەرىخىنىڭ شاخلىرىنى پۇتاۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايىدا ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

  • ئاقسۇ شەھىرىدە 1 مىليون 20 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى

    ھاۋانىڭ ئىللىشى بىلەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازار، رايونلىرى تۇپراقنىڭ نەملىكى ياخشى بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كېۋەز تېرىپ، ئېتىز- ئېرىقلاردا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر شەھەر بويىچە كېۋەز تېرىلغان كۆلەم 720مىڭ مودىن ئاشتى، 4- ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈنلەي تېرىلىپ بولۇشى مۆلچەرلەندى.

  • كەسىپلەر گۈللەندى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يول بار بولدى

    ەسىپ گۈللەنسە، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شۇ جايىدىكى بايلىققا تايىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاسلىقى روشەن تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كەنت گۈزەل، خەلق باي بولۇشتەك گۈزەل مەنزىرە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئاستا-ئاستا نامايان بولدى...

  • ئاقىل يېزا-ئىگىلىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

    باھار كېلىپ، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، ئېتىز-ئېرىق، مېۋىلىك باغ، پارنىكلار ئالدىراش سىيمالار بىلەن تولدى. بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش سىستېمىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش... قۇيۇق پەن-تېخنىكا تۈسىنى ئالغان ئاقىل يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭدىكى تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  • تېخنىكا يەتكۈزۈپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، سېتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئېھتىياجى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىكى+ساياھەتچىلىك» يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» كەسىپ ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.