70 ياشلىق ياشانغان كىشى توغراقلىق ئەتراپىدا دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈردى

60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، بىرەيلەن جوۋ شاۋدۇڭغا بىر ھاسا سوۋغا قىلدى، ئۇ ھاسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى، ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا ئۇنى ئېلىۋالىدۇ. 70 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى، ئۇ ھاسىسىنى نەرسە ساقلاش ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپ چېچىنى قارىغا بوياپ، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، «ھازىر باشقىلار مېنى ياشىنىپ قاپسىز دېمىسىكەن دەيمەن، مەن تېخى ئىگىلىك تىكلەۋاتىمەن». [تەپسىلاتى]

يەر تېرىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن

17 قېتىم يېڭىلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جياۋ شىڭۋاڭ كەشىپ قىلغان گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئاپتوماتلىشىشتىن تولۇق ئاپتوماتلىشىشقا ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش باسقۇچىغا كىردى. «ھەر يىلى ھوسۇل يىغىش پەسلىدە، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ماشىنا ئىجارە ئالىمەن، 1 ـ ئەۋلاد گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىر كۈندە ئاران ئون مو يەردىكى گازىر تاۋۇزىنى يىغىۋالالايتتى، 17 ـ ئەۋلاد ماشىنا بىر كۈندە 100 موغا يېقىن يەردىكى گازىر تاۋۇزىنى يىغىۋالالايدۇ، ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخى 100 يۈەن ئەتراپىدا ئازايدى» دېدى كەنت ئاھالىسى خې چىڭليې. [تەپسىلاتى]

يېزىدىكى ياغاچچى ئارزۇسىدىكى ئۆيىنى ياساپ چىقتى

چىرايلىق، ھەيۋەتلىك ياغاچ دەرۋازا، نەپىس، كۆركەم كىيىم ئىشكاپى، ئىنچىكە نەقىشلەنگەن تورۇس... پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى گال كەنتىدىكى دېھقان ئۆمەرجان سەمەتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، كۆڭۈل قويۇپ نەقىشلەپ ئىشلەنگەن ھەر خىل ياغاچ جابدۇقلار كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلاتتى. 20 نەچچە يىل ياغاچچىلىق قىلغان ئۆمەرجان بىر جۈپ ئىشچان، چېۋەر قولى بىلەن غايىسىدىكى سەھرا تۇرمۇشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. [تەپسىلاتى]

تۇرپاندا قۇرۇق ئۈزۈمگە «ھۆسن قوشقۇچى» بار

«بىزنىڭ بۇ يىللىق يېڭى قۇرۇق ئۈزۈملىرىمىز بازارغا سېلىنىپ بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئاشىدۇ» دېدى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاڭ يۇڭشۈ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا. ئۇ تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش سوممىسى 80 مىليون يۈەنگە يەتتى. [تەپسىلاتى]

يېزا ـ كەنت گۈزەل سەنئەت سارىيى رەڭگارەڭ دۇنيانى ئاچتى

كەنت ئاھالىسى روزىنىسا توختى بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم بالىلىرىنى گۈزەل سەنئەت سارىيىغا ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، پەقەت ئىلگىرى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولمىغان. ھازىر كەنتتە گۈزەل سەنئەت سارىيى بار بولغاچقا، ھەم ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى، ھەم ئۆگەنگىلى بولىدۇ، بۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. [تەپسىلاتى]

​ئىككى يىل ئىشلەپلا 60 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدۇق

«ھازىر بىزنىڭ يېڭى نىشانىمىز بار بولدى، بەش يىلدىن كېيىن رەنىلىك قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارغا مائارىپ خىراجىتى غەملەيمىز.» ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق نىشانى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىمىنجاننىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. [تەپسىلاتى]

[سەھىپە ئۇچۇرى] باش نازارەتچى: تۇرغۇن مەخمۇت، مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان، مۇھەررىرلەر: ئابلەت روزى ، ئەخەت مىجىت ، بەت ياسىغۇچى، تېخنىك: ئىمام تۇردى