ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى موتورغا ئايلاندى
يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئەتراپىدا ئاشتى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى؛ 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 44 مىليون 479 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %42.3ىنى ئىگىلىدى... بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ نەتىجە قەغىزى.