ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.
يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ قايتا ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، روھنى ئۇرغۇتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.
100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، نۆۋەتتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋجىگە چىقتى.
ەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.
«ۋەزىيەت، ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، نىشان - تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
دوكلاتتا شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنغان، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات لايىھەسى ئىلمىي سۈرەتلەنگەن بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئىشەنچنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىمىز.
چوڭقۇر پىكىر، قاتتىق ھاياجان. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان گۈزەل مەزگىلدە تۇرۇپ كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، بەش يىللىق تەرەققىيات تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ جۇشقۇن بولدى − ھەربىر ۋەكىل شىنجاڭدىكى بەش يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى بولۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈرەش قىلغان كەچۈرمىشلىرىدىن چەكسىز ھاياجانلاندى، مىسلىسىز كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز ئىپتىخارلاندى.