مېنىڭ ئىسمىم ئازات جۈمە، ئاقسۇدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىدە ئىشلەيمەن. بىزنىڭ شىركەت كارخانا مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نورمال دەم ئالىمىز، مۇقىم بولغان مائاش كىرىمىمىز بار، قەرەللىك تەربىيەلەش تۈرلىرى بار. تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، مەن ئائىلىمىزنىڭ 85 مىڭ يۈەن قەرزىنى قايتۇرۇپ بولدۇم، يەنە ئائىلە ئاپتوموبىلى سېتىۋالدىم. بۇ يىل 1 - ئايدا، مەن 2020 - يىللىق «مىچىغ يېزىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىشلىگۈچى خادىم» بولۇپ باھالاندىم. [تەپسىلاتى]
يوپۇغا ناھىيەسىدە يىلىغا تېرىلىدىغان كېۋەز كۆلىمى 650 مىڭ موغا مۇقىملاشتى، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 450 كىلوگىرامدىن ئاشتى، بىرلىك ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەزلىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ «كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى يوپۇغا ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. [تەپسىلاتى]
«سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك»، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، مېنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشۇم بولمايتتى. ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر قىلچە پاكىت ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭغا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى، ئۇلار بىز دېھقانلار مىڭبىر جاپادا تېرىغان كېۋەزلەرنىڭ ئېتىزدا سېسىپ كېتىشىنى، سېتىش يولىنىڭ يوق بولۇشىنى، بىزنىڭ كىرىم قىلالماسلىقىمىزنى، ئاچ قېلىشىمىزنى ئويلايدۇ. بۇنىڭغا، بىزنىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ پاختىكارلار قەتئىي قوشۇلمايدۇ. [تەپسىلاتى]
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان مەكىت ناھىيەسى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، پارلىنىشى كۈچلۈك، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزاق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغاچقا، پاختىنىڭ رەڭگى ئاق، دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى. [تەپسىلاتى]
شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. [تەپسىلاتى]