11-ئاينىڭ 19-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى «ئالتۇنخان» پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ گۇيجېن (سولدىن 3-كىشى) قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ھەم ئۇلارغا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 130 مىڭ موغا، يىللىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننىغا يەتتى، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 13ى بار بولۇپ، قويۇلدۇرۇلغان ئالقات شەربىتى، ئالقات پىۋىسى، ئالقات تالقىنى قاتارلىق 14 تۈرلۈك مەھسۇلات، 23 سۈپەتلىك ماركىنى ياراتتى.
بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتى ناھايىتى گۈزەل، ئاسفالت يوللىرى كەڭ ھەم تۈز، ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك، يورۇق، مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ لايىھەلىنىىشى ئۆزگىچە ... شۇنداقتىمۇ يۇرتداشلار مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ گۈزەل بولغىنى يەنىلا ھەر ئايدا باھالاپ چىقىلغان ئىلغار تىپلار.
دۆربىلجىن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈنىگە 500 توننا بۇغداينى ئۇن تارتالايدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، 80 مىڭ توننا بۇغداينى ئامباردا ساقلاش ئىقتىدارى بار.
«بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئاساسىي تورىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 400 مىڭ كىلوۋاتتىن 600 مىڭ كىلوۋاتقىچە ئاشتى
جىمىسار ناھىيەسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ئالىي ماھارەت تەربىيەسى كۇرسى ئېچىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكا تايانچلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، نەق مەيداندا كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق كۇرسانتلارغا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ مەشغۇلات تېخنىكىسى ۋە كۈندىلىك رېمونت قىلىش - ئاسراشنى ئۆگەتتى.
[سەھىپە ئۇچۇرى] باش نازارەتچى: تۇرغۇن مەخمۇت، مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان، مۇھەررىرلەر: راھىلە ئېزىز، ئايگۈل ئابدۇللا، بەت ياسىغۇچى، تېخنىك: ئىمام تۇردى