بۇ يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 3 مىليون 201 مىڭ 500 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالغان، 2 مىليارد 190 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ئۈچ ئالاھىدىلىك نامايان بولغان. [تېخىمۇ كۆپ]
جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇشۇنداق كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەرلەر، يېزا - كەنتلەردە سانسىزلىغان جەم بولۇش ھېكايىلىرى ئېيتىلىپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق، بەخت ئاتا قىلىدۇ. [تېخىمۇ كۆپ]

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدا جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قىزىپ كەتتى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەرپا قىلىنغان 3324 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇ(ئولتۇراق رايونى)سىنىڭ بىرى بولغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) باجياخۇ تەۋەلىك رايونى خۇڭياڭ مەھەللىسى ياڭگۇاڭجىشاڭ ئولتۇراق رايونى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، ھەر مىللەت ئاھالىسى تېپىشماق تېپىش، شاھمات ئويناش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى ئېيتىش، ساز چېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتى ھەققىدە ئورتاق توختالدى.

【تەپسىلاتى】

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 600 قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇردى

2021-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشتا، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى كۆپلىگەن ساياھەت لىنىيەسىنى زىچلاشتۇردى، قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى 600 قېتىمدىن ئېشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى 200 قېتىمغا، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئومۇمىي سانى 80گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

【تەپسىلاتى】

خوتەن يەرلىك يۆبىڭى: جەم بولۇشقا گۇۋاھ بولۇش گۈزەللىكنى مۇجەسسەملەش

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، گۈل قات-قات يۆبىڭ، پىرەنىك دۇكىنىنىڭ يۆبىڭ ياساش رېتسېپى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، گۈلجەمىلە خېرىدارلار بەرگەن پىكىرگە ئاساسەن، يۆبىڭنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى، ئۇ يۆبىڭنىڭ خېمىرىغا تۇخۇم قوشقانلىقتىن چۈرۈك بولغاچقا، يەنە نۇرغۇن كىشى كېلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھۈنەر ئۆگەندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تەربىيەلىگەنلەردىن 20دىن كۆپرەك كىشى قولدا ياسالغان يۆبىڭ دۇكىنى ئاچتى.

【تەپسىلاتى】

جۇڭچيۇ بايرىمىدا سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت قوللانمىسى

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 2021-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق قاتناش سەپىرى مۇلازىمەت قوللانمىسىنى ئېلان قىلدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدۇ.

【تەپسىلاتى】
【سەھىپە ئۇچۇرى】 باش نازارەتچى: تۇرغۇن مەخمۇت، مەسئۇل مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان، مۇھەررىرلەر: ئابلەت روزى، ئايگۈل ئابدۇللا، بەت ياسىغۇچى:ئابدۇقېييۇم ئابدۇشۈكۈر
Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved 天山网 版权所有