بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايى ئومۇمىي جەھەتتىن ساياھەت قىلىشقا، سەپەرگە چىقىشقا ماس كېلىدۇ، ئەمما تاغلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، قېلىن كىيىنىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. [تېخىمۇ كۆپ]
10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدىن قاناسقىچە بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن. [تېخىمۇ كۆپ]

«دۆلەت بايرىمى» «جۇڭچيۇ بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا بايراملىق يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ

دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار سەپەرگە چىقىش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن، يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن جيايۈگۇەنگە، ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تۈگۈن نۇقتىسى بولغان شەھەرلەرگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى يولغا قويىدىكەن.

【تەپسىلاتى】

«قوش بايرام» مەزگىلىدە كورلىدىن خېجىڭغا بارىدىغان پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

كورلا-ئۈرۈمچى ئارىلىقىدىكى بىر جۈپ «گۈللىنىش» ناملىق چاتما ئوق پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

【تەپسىلاتى】

«قوش بايرام» مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەقسىز قاتنايدۇ

بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە)، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ،

【تەپسىلاتى】

«قوش بايرام» مەزگىلىدە ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلدى

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدىكەن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن جيايۈگۈەنگە ھەمدە ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي، شىمالىي، شەرقىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى يولغا قويىدىكەن.

【تەپسىلاتى】
【سەھىپە ئۇچۇرى】 باش نازارەتچى، مەسئۇل مۇھەررىر: مەمەتجان يۇنۇس، مۇھەررىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان، بەت ياسىغۇچى:ئابدۇقېييۇم ئابدۇشۈكۈر
Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved 天山网 版权所有