ئومۇمىي بايان . ئوبزور

كۈرەش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىش

ھەيۋەتلىك تىيانشان، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى. شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، يېقىملىق مېلودىيەلەر، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەقىقىلەر بار. جۇشقۇن، ئالغا ئىنتىلىدىغان، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. [تەپسىلاتى]

ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولدى − ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلەشتى

ھاياتىي كۈچ ئېچىۋېتىشتىن كېلىدۇ. كىچىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن، چوڭى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئېچىۋېتىش ۋە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلگەن بۇ يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتا. [تەپسىلاتى]

بىڭتۇەن تەرەققىياتنىڭ يېڭى كۈيىنى ياڭراتتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مۇقەررەر يول. [تەپسىلاتى]

يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەش يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئالتە يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەسىرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قىممەت يۆنىلىشى ۋە ئىدىيەۋى روھ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. [تەپسىلاتى]

يېشىللىق تەڭكەش مۇزىكىسى كۆكتە ياڭرىدى

مەركەز شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى مىسلىسىز كۆلەم ۋە سالماق بىلەن قوللاۋاتقاندا، شىنجاڭمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تەركىبىي قىسمى. [تەپسىلاتى]

بەختلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرى

يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىشقا ئاتلاندى

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشى ۋە چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىش مۇساپىسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. [تەپسىلاتى]

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى سىجىل ئاشتى

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانى سىجىل ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى. [تەپسىلاتى]

كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانىدا ئۇدا رېكورت يارىتىلدى

پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 81 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 213 مىليون ئادەم قېتىمغا ھالقىپ، ساياھەت كىرىمى 140 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن تېزلىكتە 363 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولدى. [تەپسىلاتى]

قۇملۇقنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى

شىنجاڭ ھەم جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە - ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا جۇڭگودىكى قۇملۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ، يېرى دۇچ كېلىۋاتقان قۇملىشىش تەھدىتى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، دائىرىلىك قوغداش، سۈنئىي ياردەم بېرىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللاندى [تەپسىلاتى]

شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيمەكتە، قىياپىتى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرمەكتە

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقى ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، شەھەرلەرنىڭ دائىرىسىنى تېز كېڭەيتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر(ناھىيە بازىرى)لەرنىڭ قۇرۇپ چىقىلغان رايون كۆلىمى 1683.49 كىۋادرات كىلومېتىردىن كېڭىيىپ 1898.07 كىۋادرات كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يەتكەن. [تەپسىلاتى]

بىرىنچى سەپتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزىدى يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ سىناپ، چىن ھېسسىيات بىلەن پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، يېزىلار گۈزەللەشتى، دېھقانلار بېيىدى، يېزا ئىگىلىكى كۈچەيدى. [تەپسىلاتى]

ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بەختلىك تۇرمۇشقا «زاكاز چۈشۈردى»

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جانلىنىپ كەتتى. ھەرقايسى جايلار ھۆكۈمەت يېتەكلەشنى جەمئىيەت قاتنىشىشقا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولدى. [تەپسىلاتى]

كۆڭۈللەر يورۇدى − دەۋرنىڭ باھار شامىلى قەلبلەرنى سىيپاپ ئۆتتى

ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئارقىسىدىكىسى جەنۇبىي شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى ۋە قارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىدۇر. جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى. [تەپسىلاتى]

كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىق قورغىنىغا ھۇجۇم قىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. [تەپسىلاتى]

يانچۇق تومپايدى − گۈزەل تۇرمۇش «ئىشلەش»تىن كېلىدۇ

سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيدى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۈچەيدى... جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىغا سەپەر قىلسىڭىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، روھىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ «ھەميانى»نىڭ بارغانسېرى تومپايغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى، كەيپىياتىنىڭ بارغانسېرى ئازادىلەشكەنلىكىنى، تەبەسسۇمىنىڭ بارغانسېرى جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆرىسىز. [تەپسىلاتى]