مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. [تەپسىلاتى]

يېڭى دەۋردە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىغا بېرىپ، «ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاش تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداش − جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. [تەپسىلاتى]

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، لياۋنىڭ شېنياڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان گۈل سېۋىتى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ دەل ئۇدۇلىغا قويۇلدى. گۈل سېۋىتىنىڭ قىزىل لېنتىسىغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات!» دەپ يېزىلغانىدى. [تەپسىلاتى]

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى»خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشقان، ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان پىدائىي قىسىمدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلارغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى» خاتىرە ئىزنىكى تارقاتتى. [تەپسىلاتى]

خەۋەرلەر

ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتايلى

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا مىسلىسىز غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. [تەپسىلاتى]

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەققانىي ئۇرۇش، بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. [تەپسىلاتى]

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرايلى

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، تىنچلىقنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسىدۇر. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگەنلىك خىتابنامىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ مۇھىم ئابىدىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. [تەپسىلاتى]

ھەيۋەتلىك زەپەر مارشى تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلگەن ئابىدە

70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ قەھرىمان قوماندان - جەڭچىلىرى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە ھالدا غەيرەت - شىجائەت بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى يىل توققۇز ئاي پىداكارلىق كۆرسىتىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. [تەپسىلاتى]