كۈچلۈك ئەيىبلەش

تېخىمۇ كۆپ>>

ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئىنتايىن بۇرمىلانغان روھىي ھالەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئېتىبار بىلەن قارىغان بولسا، ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىگە «ئەخلاق ئاتىسى» دەپ تەمەننا قويمىغان بولسا، ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توغرا قارىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇنداق ساختا ئالىيجاناب «قانۇن لايىھەسى»نى تۈزمىگەن بولاتتى. [تەپسىلاتى]

بەختلىك، ئامان - ساغلام بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقى

بەختلىك، ئامان - ساغلام بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقى. ئامېرىكا ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى - ساغلاملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى. [تەپسىلاتى]

پۇل سىياسىيسى «ئامېرىكىچە دېموكراتىيە»نىڭ ساختا قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى

«پۇل − سىياسىينىڭ ئانا سۈتى» دېگەن كەڭ تارقالغان بۇ بىر جۈملە تەبىر ھازىرقى زامان ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ ماھىيىتىنى دەل جايىدا ھەم ئۆتكۈر ئېچىپ بەردى. ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا لىق تولغان بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يوقاتقىلى بولمايدىغان جاھىل كېسەل بولۇپ قالدى. [تەپسىلاتى]

ھەۋەس قىلسا بولىدۇ  قارا چاپلاشنى قوبۇل قىلمايمىز

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئازاب ئېلىپ كەلدى دېگەن سۆزىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىن ئىبارەت 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەنمۇ قويۇق دوستانە مۇناسىۋىتى بار. «بۇلارغا قارىتا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەۋەس قىلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ ئىغۋا تارقاتسا، قارا چاپلىسا، بوھتان چاپلىسا، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ». [تەپسىلاتى]

ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كېللى كرافت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. [تەپسىلاتى]

نوپۇزلۇق ئوبزور

تېخىمۇ كۆپ>>

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرايلى

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق مەدەنىيلىك گېنى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، تارىخ ئاساسى، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئاچقۇچى. مەيلى شىنجاڭ پۈتۈن رايونىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن ياكى قايسى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى بولسۇن، ھەممىسى ھەر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىشقا ئاشقان. ئىتتىپاق - ئىناق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى. [تەپسىلاتى]

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توستى، بۇنى «رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئاياندۇر» دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىدەك كونا نەيرىڭىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىدىن ئىختىيارسىز شۇنداق سوراپ باققۇسى كېلىدۇ: سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانغا نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟ «تاغدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولساڭ، ئوتۇنچىدىن سورا.» شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا يەنىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. [تەپسىلاتى]

تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ ئارقىلىق ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرەيلى

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى، غەزەپ بىلەن لەنەت ئوقۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى تولۇق تونۇش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. [تەپسىلاتى]

ئۆزى رەزىللىككە تولغان تۇرۇپ، قانداقمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن سۆز ئاچالىسۇن؟

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، ئۇ جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن تولغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ ساختىلىقى ۋە زومىگەرلىك لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. [تەپسىلاتى]

«كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىش رەزىل نىيەتنى يوشۇرالمايدۇ

جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. [تەپسىلاتى]

شىنجاڭ ساداسى

تېخىمۇ كۆپ>>

«بۇ جاي قېپقېلىپ ئاستا - ئاستا ھۇزۇرلىنىشقا تېگىشلىك جاي»

«شىنجاڭ ناھايىتى بىخەتەر، مەن دائىم يالغۇز سىرتقا چىقىمەن، كەچتىمۇ شۇنداق. ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ يەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.» [تەپسىلاتى]

«شىنجاڭ كەلگەنلەر كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي ئىكەن»

«مەن ئىلگىرى خۇڭسەنگە چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتقان. شەھەرنىڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان كېچىلىك مەنزىرە سۈرەتلىرىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتقاندىن كېيىن، دوستلىرىم بەس - بەستە ئالقىشلىدى.» [تەپسىلاتى]

«شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىدۇ»

«بۇ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە خىزمەت قىلىشىم. جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىزغىنلىقى، دوستانىلىقى مېنىڭ بېسىمىمنى تۈگەتتى. چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى رۇس تىلى فاكۇلتېتى ۋە رۇس تىلى مەركىزىدىكى خىزمەتداشلىرىم ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ماڭا خۇددى ئۆيۈمگە قايتقاندەك تۇيغۇ بەردى». [تەپسىلاتى]

«شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشچانلىقى مېنى جەلپ قىلدى»

جۇڭگو شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك ۋە سىغدۇرۇشچانلىق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇلۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۆرۈپ، دانىئېل بۇ يەرنى ناھايىتى تېزلا ياقتۇرۇپ قالغان. [تەپسىلاتى]

بىز ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىگە ئىگە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان نىيەتتە تۆھمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، شىنجاڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارا چاپلىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىدىغانلىقى، كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. [تەپسىلاتى]

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش

تېخىمۇ كۆپ>>

شىنجاڭنىڭ ئىناق - مۇقىملىقى ھەممىگە ئايان، بوھتان چاپلاشقا بولمايدۇ

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ناھايىتى قاتتىق ئازار بەردى. بۇنىڭغا مەن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! [تەپسىلاتى]

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. [تەپسىلاتى]

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم

ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى پەقەت كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب. [تەپسىلاتى]

پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىمنىڭ سودىسى بارغانسېرى زورايدى

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، بىزنىڭ تاماق، ياتاق، لازىمەتلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپ ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، ياتاق پاكىز، رەتلىك، سىنىپ ئازادە، يورۇق، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق. كەسپىي ماھارەت دەرسىدە مەن پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى تاللاپ ئۆگەندىم، كەسپىي پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر خىل تورت، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. [تەپسىلاتى]

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى ئاداشقان يولدىن قايتۇرۇپ كەلدى

خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئوقۇتقۇچىلار كۈچلۈك سەپلەنگەن، ئۆگىنىش شارائىتى ياخشى، تاماق، ياتاق پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، مەن خۇددى داشۆ ھاياتىغا قايتقاندەك بولدۇم. [تەپسىلاتى]