جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.
تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كونا، يېڭى رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق نۆۋەت ئالماشتۇردى.
13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا گۇرۇپپا يىغىنى ۋە ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز، مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭىمىزنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات سوئاللىرىغا ياخشى جاۋاب بېرىمىز.
باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىمىز ۋە ئۇنى ئىگىلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ ئېلىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى بوسۇغا، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ رېلىسلىق قاتناش ئۇنىۋېرسال تەجرىبىسى بىلەن سىستېمىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش مۇھىت تۈرى مۇبادا شىنجاڭغا ماكانلاشسا، غەربىي شىمال رايونىنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
«يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تۇتقىسى»
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، نامراتلار مەركەزلەشكەن يېزا- كەنتلەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجىنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بەزى تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.